|
1.
خوتەن ئۇچۇر تورىغا ئۇچۇرنى قانداق يوللايمەن ؟
جاۋاپ : خوتەن ئۇچۇر تورىنىڭ باش بېتى بولسۇن ياكى خالىغان
ئىچكى بەتلىرى بولسۇن سول تەرەپ ئۈستىدە ھەقسىز ئۇچۇر
يوللاش دىگەن خەتنى كۆرگىلى بولىدۇ . سىز مۇشۇ خەتنى
باسسىڭىزلا ئۇچۇر يوللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ ، ئۇچۇر يوللاش
كۆزنىكىدىكى رامكىلارنى تەلەپ بويىچە توشقۇزغاندىن كېيىن
تەستىق نۇمۇرىنى توغرا كىرگۈزۈپ " ئۇچۇرنى يېزىپ بولدۇم ،
يوللايمەن " دىگەن خەتنى باسسىڭىز ئۇچۇرىڭىز تورىمىز
ساندانىغا يوللىنىدۇ ، باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىغاندىن كېيىن
ئۇچۇر باش بېتىدە كۆرىنىدۇ .
ئۇچۇر
مەزمۇنىنى يازغاندا تۆۋەندىكى قىزىل سىزىق سىزىلغان
جايلارنى چۇقۇم توشقۇزىسىز .
توشقۇزىلىدىغان مەزمۇن تۆۋەندىكىدەك بولسا بولىدۇ .
تۆۋەندىكىدەك توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن ، سىزىق سىزىلغان
يەرنى بېسىپ ئۇچۇر يوللاشنى مۇقۇملاشتۇرىسىز .

2. مەن يوللىغان
ئۇچۇر قانچىلىك ۋاقىتتا تەستىقلىنىدۇ ؟
جاۋاپ : خوتەن ئۇچۇر تورى باشقۇرغۇچىلىرى ئادەتتە نورمال خىزمەت
ۋاقتىدا ھەر سائەتتە بىر قېتىم ئۇچۇر تەستىقلاش
ئېلىپ بارىدۇ . شەنبە ، يەكشەنبە ، ھېيىت-بايرام كۈنلىرى
5 سائەتتە بىر قېتىم ئۇچۇر تەستىقلاش ئېلىپ بارىدۇ .
ئۇچۇر تەستىقلاش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ
12 سائەتتىن
ئېشىپ كەتمەيدۇ . (ئەگەر سىز شەنبە ، يەكشەنبە ،
ھېيىت-بايرام كۈنلىرى ئۇچۇرىڭىزنى دەرھال تەستىقتىن
ئۆتكۈزمەكچى بولسىڭىز ، مۇلازىمەت تېلفۇنىمىزغا تېلفۇن
قىلسىڭىز بىز سىز ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز )
3. خوتەن ئۇچۇر
تورىغا رەسىمنى قانداق يوللايمەن ؟
جاۋاپ : خوتەن ئۇچۇر تورىغا رەسىم يوللىماقچى بولسىڭىز ، ئۇچۇر
يوللاش كۆزنىكىدىكى " رەسىم ئادرىسىنى كىرگۈزۈڭ " دىگەن
خەت يېنىدىكى رامكىغا باشقا بوشلۇققا يوللانغان ،
تورىمىزغا يوللىماقچى بولغان رەسىمىڭىزنىڭ ئادرىسىنى
كىرگۈزىسىز .
ئەگەر كومپىيوتىرىڭىزدىكى رەسىمنى يوللىماقچى بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى رەسىم بويىچە قىزىل رامكىنى بېسىپ
كومپىيوتىرىڭىزدىكى سۈرەتنى تاللاپ مۇقۇملاشتۇرىسىز .

يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆرىنىدۇ .

كۆرۈنگەن رەسىم ئادىرىسنى ئۈستىدىكى رەسىم ئادىرىسى دىگەن
رامكىغا چاپلاڭ ، ئەگەر باشقا تورغا يوللانغان رەسىم بولسا
رەسىم ئادىرىسىنى بىۋاستە رەسىم ئادىرىسى دىگەن رامكىغا
كىرگۈزۈڭ .

4. مەن يوللىغان ئۇچۇرنى قانداق
ئۆچۈرىمەن ياكى قانداق تەھرىرلەيمەن ؟
جاۋاپ : تورىمىزغا يوللىغان ئۇچۇرنى ئۆچۈرۋەتمەكچى ياكى
ئۆزگەرتمەكچى (تەھرىرلىمەكچى ) بولسىڭىز ، تورىمىزنىڭ سول
تەرەپ ئۈستىدىكى " پاش قىلىش " دىگەن خەتنى بېسىپ بىۋاستە
باشقۇرغۇچىغا تەلىپىڭىزنى ئېيتىڭ ياكى مۇلازىمەت تېلفۇنى
ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
5. مەن
يوللىغان ئۇچۇر نىمە ئۈچۈن تەستىقلانمايدۇ ؟
جاۋاپ : سىز خوتەن ئۇچۇر تورىغا ئوخشاش ئۇچۇرنى قايتا-قايتا
يوللىسىڭىز ، ياكى سىز يوللىغان ئۇچۇرنىڭ باشقا
تورداشلارغا پايدىلنىش قىممىتى يوق دىيەرلىك بولسا ھەمدە
يوللىغان ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى ساغلام ، ئىملاسى توغرا بولمىسا
ئۇچۇرىڭىز تەستىقلانمايدۇ . يوللانغان ئۇچۇردىكى ئىملا
خاتالىقى 10 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتمىسە باشقۇرغۇچىلار
تەھرىرلىگەندىن كېيىن تەستىقلايدۇ . ئىملا خاتالىقى 10
پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن ئۇچۇرلار ئەخلەت ئۇچۇرلار
قاتارىدا ئۆچۈرىلىدۇ .
ھازىرلا
ئۇچۇر يوللايمەن
|